 ئىسمى نامەلۇم بىر فوتوگراف بۇ رەسىمنى تارتىپ بولۇپ، بۇ بالىغا ياردەم قولىغا سۇنالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ناھايىتى ۋىجدان ئازابى تارتىپ، ئاخىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. رەسىمدىكى بىچارە بالىنىڭ ئۈستۋېشى، پاشا، چۆمۈلە ۋە چىۋىنغا تولغان. بۇ رەسىمنى بىر تور داش ئافرىقىدىن فوتۇفرافتىن ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ رەسىمنى كۆرگەن كىشىنىڭ قەلبى ئېچىشماي قالمايدۇ. ئەگەر بۇ بالا سىزنىڭ بالىڭىز، ياكى ئىنىڭىز ۋە ياكى تۇغقانلىرىڭىز بالىسى بولۇپ قالسىچۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ مەلۇم بىرى مۇشۇنداق كۈنگە قالسىچۇ؟ خۇدايىم، ساقلا، ئەمدى سىز نېمىشقا بۇ فوتوگرافنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنسىز! ئۇ ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى بىلەن ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ لاياقەتسىز ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىزگە بىلدۈرۈپ كەتتى. ئەسلى، ئۇ ئۇ بالىنى قۇتقۇزۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇنداق قىلالمىدى. ئارىمىزدا نۇرغۇنلىرىمىز مۇشۇنداق ئىشقا يولۇقساق، كۆرمەسكە سېلىپ كېتىدىغانلىقىمىز ئېنىق، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك زامانىۋى جەمئىيەتتە! بۇ رەسىمدىكى كۆرۈنۈش ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. مانا بۇ سەنئەت، كەسىپ ئۈچۈن ئىنسانىيلىقنى ئۇنتۇشنىڭ پاجىئەلىك نەتىجىسى!
|