::新疆维吾尔自治区野火网::Www.Yanghin.Com Design by : Mr.731
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !يانغىن تورىغا خۇش كەپسىز!
سۈرةتلصك خةۋةرلةر
كراندا ئايالغا 520 تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلغان قاپاقۋاش ئەر
كراندا ئايالغا 52...
رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى بېلەت تاشلاش پائالىيىتى 18-فېۋرالدىن باشلاپ 52 دۆلەتتە ئىلىپ بېرىلىدۇ
رۇسىيە زۇڭتۇڭ سا...
ھاياتىڭىزدا مۇنداق قالتىس ئادەملەرنى كۆرۈپ باققانمۇ
ھاياتىڭىزدا مۇن...
ئەھمەدى نىجاد قىزىنى ياتلىق قىلىپ ئۆكتىچى قۇدىغا ئېرىشكەن
ئەھمەدى نىجاد قى...
ئامېرىكىنىڭ «مۈشۈك بىلەن چاشقان» ئويۇنى ئوينىشىغا نېمە سەۋەپ بولغان
ئامېرىكىنىڭ «مۈ...
تۈركىيىنىڭ سەۋر قاچىسى توشۇپ ياۋرۇپادىن يۈز ئۆرىدى
تۈركىيىنىڭ سەۋر ...
«دېرىزە تەكچىسىدىكى ئەر» ھەركەتلىك ھىكايە فىلىم تەشۋىقات فىلىمىنى ئېلان قىلدى
«دېرىزە تەكچىسى...
«ئۇرۇش ئېتى» ئامېرىكا ھىكايە فىلىمى تەشۋىقات فىلىمىنى ئېلان قىلدى
«ئۇرۇش ئېتى» ئام...
يېڭى ئۇچۇرلار
   شى جىنپىڭ ۋاشىنگتونغا يېتىپ بېرىپ ئامېرىكى...
   مەملىكىتىمىز تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا 2011- يىل...
   غەزەپلەنگەن قۇش ئويۇنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئى...
   «قانلىق GDP» جۇڭگونى ئوسال ئەھۋالغا قويۇۋاتى...
   كۆپ ساندىكى ماي پاراخوتلىرىنىڭ ئىراننىڭ خا...
   ئوباما 26 مىليۇن دوللار ئاجرىتىپ،جۇڭگو قاتا...
   Sony Xperia S يانفونى تورغا كىرىش ئېجازەتنامىسىغ...
   ئالما شىركىتى ئادىل ئەمگەك بىرلەشمىسىنى فۇ...
   ‹‹ئالما››نىڭ بازار قىممىتى شۋېتسىيەنىڭ ئىچ...
   گۇگېلنىڭ موتورولا شىركىتىنى سېتىۋىلىش سودى...
13ياشلىق قىزنىڭ دۇنيانى خىجىل قىلغان ئاجايىپ تەسىرلىك نۇتقى
ئاۋاتلصقص:0 | ۋاقصت:2012-01-28 14:05:54
كاكا قايتىپ كەلدى، خان جەمەتى مادرېد 3-0 سىھون رىقابەت كوماندىسى
كاكا قايتىپ كەلدى، خان جەمە...
بارسېلونا 5-0 لېۋانتى كوماندىسى، فابرىگاس 2 توپ كىرگۈزدى
بارسېلونا 5-0 لېۋانتى كوماند...
مانا ماۋۇ ھەقىقىي نۇقتا توپ
مانا ماۋۇ ھەقىقىي نۇقتا توپ

13ياشلىق قىزنىڭ دۇنيانى خىجىل قىلغان ئاجايىپ تەسىرلىك نۇتقى
سېۋېرننىڭ دادىسى كانادا ئېرسىيەت ئىلمى ۋە مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى داڭلىق ئەرباب Dr. David Suzuki دوكتۇر ئىدى.ئۇ مۇھىت ئاسراشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى،ھەمدە بۇ جەھەتتە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن ئىدى.ئىلگىرى دۇنيا بويىچە ئىلغار يېتەكچى دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇيەسسەر بولغان.قىزى سېۋېرنمۇ دۇنيادىكى داڭلىق مۇھىت ئاسراش ئاۋانگارتىنىڭ بىرى.ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا نۇتۇق سۆزلەش،تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىدا رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە يېزىقچىلىق قاتارلىق ئىشلار بىلەن شوغۇللانغان.ئۇ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە بارلىقىنى ئاتىغان،ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس قىممەت قارىشى تىكلەپ ،باسقان ھەربىر قەدىمىدە كەلگۈسىنى ئويلاشنى،ھەربىر كىشى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان.
1992-يىلى،ئۇ 12يېشىدا برازىلىيىگە بېرىپ ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرشارى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان،ئۇ بۇ يىغىندا بەش مىنۇتلۇق نۇتۇق سۆزلىگەن.دەسلەپتە كىشىلەر بۇ قىز چوقۇم باشقىلارغا ئوخشاش ۋاقىتنى ئالىدىغان زېرىكىشلىك نوتۇق سۆزلەيدۇ دەپ قارىغان.ئەمما ئۇنىڭ جاراڭلىق ئېيتىلغان ھەربىر ئېغىز سۆزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ،نوپۇزلۇق شەخسلەر،ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئالىملارنى ھەيران قالدۇرغان ،شۇنداقلا ھەممەيلەننى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن.تۆۋەندە ئۇنىڭ بۇ نۇتقىدىكى ئۈزۈندىلەرنى كۆرۈپ باقايلى:


ياخشىمۇسىلەر!مېنىڭ ئىسمىم سېۋېرن،بالىلار مۇھىت ئاسراش توپىغا ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلىمەكچىمەن.مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىم كېلەچىكىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.ئۈمىدسىز كېلەچەك ھەرگىز بىر قېتىملىق سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغاندەك ياكى پايچىكىدا زىيان تارتقاندەك ئاددىي ئىش ئەمەس، مەن دۇنيادىكى ئاچلىقتىن زارلاۋاتقان بالىلارغا ۋاكالىتەن سۆزلىمەكچى،چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق يىغىسىنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق.مەن يەرشارىدىكى نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان سانسىزلىغان ھايۋاناتلارغا ۋاكالىتەن سۆزلىمەكچى،چۈنكى ئۇ بىچارىلەرنىڭ پاناھلانغۇدەك جايى يوق.مەن ھازىر ئاپتاپقا قاقلىنىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم،چۈنكى ئۇزۇن قاتلىمىدا تۆشۈك پەيدا بولۇپ قالدى.مەن ھەتتا تەبىئەتنىڭ ھاۋاسىدىن ئەركىن تىنىپ نەپەسمۇ ئالالمايدىغان بولۇپ قالدىم،چۈنكى مەن زىيانلىق خىمىيىۋى تەركىبلەرنى سۈمۈرۈۋېلىشتىن ئەنسىرەيمەن.بۇرۇن دادام بىلەن بىللە بېلىق تۇتقىلى باراتتۇق،لېكىن بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىز بېلىقلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىدۇق.ھازىر بىز كۈندە دېگۈدەك ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.ئۇلار ئەمدى كەلمەسكە كەتتى...مەن بۇ ھاياتىمدا توپ-توپ بولۇپ يۈرگەن ياۋايى ھايۋاناتلارنى كۆرۈشنى،ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىدىكى قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشنى،كېپىنەكلەرنىڭ ئەركىن قانات قېقىشلىرىنى تاماشا قىلىشنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلاتتىم.لېكىن ھازىر مەن بالىلىرىمنىڭ ئۇلارنىڭ سايىسىنى كۆرەلەيدىغان-كۆرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن.سىلەر مەنچىلىك ۋاقتىڭلاردا بۇ ئىشلاردا ئەنسىرەپ يۈرمىگەن بولغىيتتىڭلار؟بۇ ئىشلار بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.لېكىن بىز قارىماققا ناھايىتى كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز.لېكىن سىلەر ئۇزۇن قاتلىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسىلەر.بېلىقلارغا پاكىز ۋە سۈزۈك ئېقىنلارنى قايتۇرۇپ بېرەلمەيسىلەر.نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ھايۋاناتلارغا قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلالمايسىلەر!ئەگەر سىلەرنىڭ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈدەك كۈچ-قۇدرىتىڭلار بولمىسا،ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئەمدى بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار! كۆپچىلىك ئۆزۈڭلارنىڭ بۈگۈنكى يىغىنغا نېمە مەقسەت بىلەن قاتنىشىۋاتقىنىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.دادام ماڭا:«ساڭا ۋەكىللىك قىلىدىغىنى سېنىڭ سۆزۈڭ ئەمەس ،بەلكى سېنىڭ ھەرىكىتىڭ » دەپ تەلىم بېرىدۇ.چوڭلار ھەمىشە :«بىز سىلەرنى سۆيىمىز» دەيدۇ.مەن چوڭلارنىڭ گېپى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چەۋەنداز مۈشۈك
سۆيگۈنۈم
قىساسكار كونان
بېكەت ھەققىدە          ھةمكارلصشصڭ          ئېلان بصرصڭ          ئالاقصلصشصڭ          پصكصر بصرصڭ
 
Copyright © 2011 - 2015 Yanghin.Com. All Rights Reserved  版权所野火网站  
E_Mail:Admin@Yanghin.com QQ:2291410    Tel:13999431291
ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلشڭ
تور بېكصتصمصز بصلةن قانۇنلۇق ھةر قانداق تور ساھةسصدصكص تۈر بويصچة ھةمكارلاشقۇچصلارنص قارصشص ئالصمصز!
本网站内容由其他网站转载, 如涉及版权问题请及时与站长联系

..::::..