
1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ، قىسمەن ئاھالىلەر پاكىستان لاھور كوچىسىدا نامايىش قىلماقتا . پاكىستان يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 27 - چېسىلا ئېلان قىلغان خەۋرىگە قارىغاندا ، بۈگۈنگىچە پاكىستان لاھوردا 100 دىن ئارتۇق يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ھەقسىز تارقىتىلغان دورىنى ئىچىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 450 بىمار دەرھال دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۈزىتىش ئۆيىگە ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن . خەۋەردە ، بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ، پاكىستان لاھور شەھىرى پەنجاب يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمى تەتقىقات ئورنى دورىخانىسى داۋاملىق تۈردە 40 مىڭغا يېقىن بىمارغا ھەقسىز بىر تۈركۈم دورىلارنى تارقاتقان . بۇ دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن ، يۈزدىن ئارتۇق بىمار لاھوردىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالاشنى قۇبۇل قىلماقتا . ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا ، نۆۋەتتە 106 بىمار ھاياتىدىن ئايرىلغان ، يەنە 2000 دىن ئارتۇق دورىنى ئىستىمال قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك ئىكەن .

1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ، قىسمەن ئاھالىلەر پاكىستان لاھور كوچىسىدا نامايىش قىلماقتا .
|