
شىنخۇا تورى لوندۇن 25-يانۋار تېلېگراممىسى:بىر خىل سىرلىق موگۇنى ئىستېمال قىلغاندا كىشىدە ھەر خىل خىيالىي تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ،كىشلەر بۇ خىل موگۇنى خىيالىي تۇيغۇ بېرىدىغان موگۇ دەپ ئاتاشقان.ئەنگىلىيە تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئىلان قىلغان دوكلاتىدا خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان موگۇنىڭ خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ئېيتقان.خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان موگۇ تەركىبىدىكى بىر خىل ماددا چوڭ مىڭىنىڭ مەلۇم قىسمىدا پائالىيەت خارەكتىرلىك ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، بۇ تۈرلۈك بايقاش نۇرغۇن قايغۇ كېسەللىكى قاتارلىق نېرۋا كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدىكەن. ئەنگىلىيە ئېمپىرىيە تەبىئىي پەن سانائىتى ئىنىستېتوتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەتقىقات خادىملىرى يېڭى بىر قارارلىق ئامېرىكا<<دۆلەت ئىلىم-پەن ئاكادىمىيىسى دوكلاتى>>دا مۇنداق دېيىلگەن:خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان موگۇ تەركىبىدىكى خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان ماددا مېتىل-4- ترىپتامىن فوسفورىك كىسلاتا بولۇپ،تەتقىقاتچىلار بىر قىسىم ساغلام پىدائىلارغا بۇ خىل ماددىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئۇلار شۇنى بايقىدىكى،ئىلگىرى كىشلەر بۇ خىل ماددىنىڭ خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىش سەۋەبىنى چوڭ مىڭىنىڭ پائالىيەت خارەكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ئاشۇرۋېتىدۇ دەپ قارىغان ئىدى،ئەمما بۇ خىل ماددا چوڭ مىڭىنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدىغان بولۇپ،چوڭ مىڭە پوستىلاق قەۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇ قىسىم ئورۇنلار چوڭ مىڭىدە ئاساسى نېرۋىلارنى تۇتاشتۇرغۇچلۇق رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ،ھەر قايسى ئىقتىدار ئورۇنلىرىنىڭ سەزگۈسىنى تەڭشەپ تۇرىدىكەن.تەتقىقاتچى خادىملار شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاساسى نېرۋىنى تۇتاشتۇرغۇچى پائالىيەت خارەكتىرىنىڭ تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ،-دەپ قارىغان.ھەتتا چوڭ مىڭىنىڭ ھەر قايسى ئىقتىدار ئورۇنلىرى ئوتتۇرسىدا ئۆز ئارا ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل غەيرى خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. تەتقىقاتچى خادىم روبىن كاخاد ھالىس مۇنداق دېدى:بۇ تۈرلۈك بايقاش يەنە بۇ خىل خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان موگۇدىن ئېلىنغان ماددىلار ئارقىلىق تەشۋىشلىنىش كسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.بۇ قېتىمى تەتقىقات نەتىجىسىس قوللاشقا ئېرىشىپ،خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان موگۇنىڭ دورىلىق پايدىلىنىش قىممىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۇرلىكىنى چۈشەندۇرۇپ بەردى.
|